مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودرومىدا كېلەر يىلى 8-ئايدا قاتناش باشلىنىدۇ

2022.06.24 12:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: -6ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، گۇچۇڭ ناھىيەسى يېڭىدىن قۇرۇلغان پۇقرالار ئايرودۇرۇمى (ئەسلىدىكى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار) گۇچۇڭ پۇقرالار ئايرودرومىغا گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودرومى، دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن.
گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودرومى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى مەنيىڭخۇ چارۋىچىلىق كەنتىگە جايلاشقان (ھازىرقى نامى جامبۇلاق يېڭى كەنتىگە ئۆزگەرتىلگەن)، ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئايرودرومغا نام بېرىشتە ئادەتتە مەمۇرىي رايون نامىنىڭ ئارقا قوشۇمچىسى ۋە ئايرودرومنىڭ مەخسۇس نامىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودرومى ئايرودرومغا نام بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن.


  شىنجاڭ گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودرومى دۆلەت، ئاپتونوم رايون، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ «13-بەش يىل» دىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ قارارلىق قۇرۇلۇش 2030-يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارى 470 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 1000 توننا بولۇش نىشانىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى C 4 دەرىجە بولغان.


  ئىگىلىنىشىچە 2015 ـ يىل 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، جياڭسۇنىڭ تەيشىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 ـ تۈركۈمدىكى جۇڭگونىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ گۇچۇڭنىڭ جامبۇلاق 10 مىڭ مولۇق بىنەم ئېتىزى مەنزىرە بەلبېغى بىنەم تېرىقچىلىقى سىستېمىسىغا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسى دەپ نام بېرىلگەن.


  جامبۇلاق ئايرودرومىنىڭ قۇرۇلۇشى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت بۇ ساياھەت كۇرسلۇق ماركىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودرومى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە 2023 - يىل 8 ـ ئايدا قاتناش باشلىنىدىكەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ