مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق: ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2022.06.24 12:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن بازار سۇبيېكتىنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش ـ كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققى بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇقۇم ئەھۋالى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتىرى بار رايون جايلاشقان ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەردىن دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆيلەرنى ئىجارە ئالغانلاردىن 2022 ـ يىلى ئالتە ئايلىق ئىجارە ھەققى كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، باشقا رايونلاردا ئۈچ ئايلىق ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


  ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئىجارە ھەققىنى كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغانلىرىغا باج تارماقلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شۇ يىللىق ئۆي-مۈلۈك بېجى، شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجىنى كېمەيتىدۇ، كەچۈرۈم قىلىدۇ؛ دۆلەت بانكلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغان ئىجارە بەرگۈچىلەرگە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى رەنىلىك قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.


  ھەر دەرىجىلىك مۈلۈك چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغۇچى ئاپپارات (ياكى تارماق) ئۆزى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە جايلارنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبىدىن دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تىجارەت نەتىجىسىگە تەسىر يەتسە، تەكشۈرۈپ باھالاشتا ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ.


  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئۆيلەرنى ئىجارىگە بەرگۈچىلەر مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتكەن، كەچۈرۈم قىلغان بولسا، يۇقىرىقى سىياسەت ئېتىبارىدىن ئوخشاش بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، جايلارنى تېخىمۇ زور سىياسەت ئېتىبارى بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىجارە بېرىش، بۆلۈپ ئىجارە بېرىش شەكلى بىلەن ئىجارە بېرىشتە، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى ئىجارە ئالغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قايتا ئىجارە بېرىش، بۆلۈپ ئىجارە بېرىش ھالقىسىدا ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ