مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 12دە رەسمىي ئېچىلىدۇ

2022.06.24 00:01 مەنبە: تىيانشان تورى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توردا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 12دە رەسمىي ئېچىلىدۇ، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە توردىكى ئۇچۇرىنىڭ دەسلەپكى مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرسە بولىدۇ، تۇنجى قېتىم كىرىپ، شەخسلەرنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىشى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنغاندىن كېيىن، باشقا مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

  ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار سىستېمىغا كىرگەندىن كېيىن «2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»نى ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، سالامەتلىك ئەھۋالى ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارزۇنى مۇۋاپىق تولدۇرۇشى كېرەك. ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرغاندا، ئارزۇ خەۋپ-خەتىرىنى جەزمەن تولۇق ئويلىشىپ، شاللىنىپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتىشى كېرەك. ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى ئارزۇنى مۇۋاپىق تولدۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن شاللىنىپ كەتسە، مەسئۇلىيەتنى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىدۇ، باشقا تۈركۈمنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 23دە ئاخىرلىشىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدە ئارزۇ توپلىغاندىن باشلاپ، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ توپلاش ۋاقتىدا كېيىنكى تۈركۈمدىكى ئارزۇنى تولدۇرسا ھەم ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

  ئەسكەرتىش: ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن جەزمەن «مۇندەرىجە چۈشەندۈرۈشى»نى ئەستايىدىل ئوقۇپ، «2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»دە ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈم قېتىمى، پەن تۈرى، نامى، كەسپى ھەم كود نومۇرى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئارزۇ تولدۇرۇشى ھەم جەزملەشتۈرۈشى، مەزمۇنى ھەقىقىي، توغرا، خاتاسىز بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ مەخسۇس تۈرلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت كوماندىسى قاتارلىق ئۆلكە پىلانى بويىچە ئايرىلمىغانلىرىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ھەم كەسىپلەر ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى ئارزۇ تولدۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزى تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى»نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ياكى ئۆزى تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىگە چىقىپ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆرۈشى كېرەك، مەسىلەن: چوڭ تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسىپ، سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ سىناق نەتىجىسىگە ئالاقىدار تەلەپلەر، ئالاقىدار كەسىپلەرگە ئىمتىھان بېرىشتىكى شەرتلەر ياكى قوبۇل قىلىش تەلەپلىرى، چەت ئەل تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىشتىكى تەلەپلەر، سالامەتلىك ئەھۋالىغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ياكى بەدەن شارائىتى چەكلىمىسى، قوبۇل قىلىش جەريانىدا تۈرلۈك سىياسەت خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىشنى بىر تەرەپ قىلىش، مەخسۇس كەسىپكە قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى قاتارلىق كونكرېت مەزمۇنلار. ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى چۈشەنمەي، تولدۇرغان ئارزۇسىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تەسىر يەتكۈزسە، ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ