مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ! شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش چارىسى ئېلان قىلىندى

2022.06.24 00:01 مەنبە: تىيانشان تورى

يېقىندا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى مۇكاپاتلاش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلدى) بېسىپ تارقىتىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ۋە تىرېنېرلارنى مۇكاپاتلاش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى تۇنجى قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ماھىرلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

«چارە»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىش، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

«چارە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مۇكاپاتلاش ئوبيېكتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۇنيا ماھارەت مۇسابىقىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، دۆلەت دەرىجىلىك 1-، 2-تۈردىكى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 1-، 2-تۈردىكى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك 1-، 2-تۈردىكى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە تاللاپ ئەۋەتىلىپ ئەلا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ماھىرلار ۋە تىرېنېرلار.

«چارە»دە كونكرېت مۇكاپاتلاش دائىرىسى ۋە مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تاللاپ ئەۋەتكەن، ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدال ۋە ئۈستۈنلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، دۆلەت يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىغا تاللانغان ماھىرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 500 مىڭ يۈەن، 300 مىڭ يۈەن، 200 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن، 50 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن، ئالىي تېخنىك كەسپىي سالاھىيىتى ياكى ماھارەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدىكەن. يېتەكلىگەن ماھىرلىرى ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدال ۋە ئۈستۈنلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، دۆلەت يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىغا تاللانغان تىرېنېرلارنىڭ ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەندىن سىرت، ئوخشاش سوممىدا مۇكاپاتلىنىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتكەن مۇنەۋۋەر ماھىرلار، تىرېنېرلارنى مۇكاپاتلاش دائىرىسى ۋە مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدال ۋە ئۈستۈنلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماھىرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 80 مىڭ يۈەن، 60 مىڭ يۈەن، 30 مىڭ يۈەن ۋە 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئالىي تېخنىك كەسپىي سالاھىيىتى ياكى ماھارەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېتەكچى تىرېنېرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 80 مىڭ يۈەن، 60 مىڭ يۈەن، 30 مىڭ يۈەن ۋە 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دۆلەت دەرىجىلىك 1-تۈردىكى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتكەن مۇنەۋۋەر ماھىرلار، تىرېنېرلارغا قارىتا، ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدال ۋە ئۈستۈنلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماھىرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50 مىڭ يۈەن، 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ، ئالىي تېخنىك كەسپىي سالاھىيىتى ياكى ماھارەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يېتەكچى تىرېنېرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 50 مىڭ يۈەن، 30 مىڭ يۈەن، 20 مىڭ يۈەن، 10 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ.

«چارە»دە يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك 1-تۈردىكى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى، 2-تۈردىكى كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچى ماھىرلار ياكى تىرېنېرلار ھەمدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا مۇسابىقىسى مۇتەخەسسىسلىرى، تىرېنېرلار كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ياكى ماھارەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالدىن تەۋسىيە قىلىنىدۇ، جۇڭخۇا ماھارەت چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى، مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرلىرىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسى باشلامچىلىرىنى باھالاشقا قاتنىشىشقا ئالدىن تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

«چارە» 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولىدۇ. كونكرېت مەزمۇنىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتىدىن بىلىۋالسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ