مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە 1100 ئادەم ئۆلدى، 1650 ئادەم يارىلاندى، دوختۇرخانا يارىدارلارغا لىق تولدى

2022.06.23 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 22-چېسلا سەھەردە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا 6.2 بال يەر تەۋرىدى. ئافغانىستان پەژۋاك خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندىمۇ 1100 ئادەم ئۆلگەن، 1650 ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر خارابىلىق ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.


  خەۋەر قىلىنىشىچە ، بۇ 20 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا ئۆلگەنلەر ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ئىكەن. ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خوست ئۆلكىسىنىڭ سەپەرى رايونى، پەكىتكا ئۆلكىسىنىڭ كەيان رايونى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان. پەكتىكا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شاران شەھىرىدە دوختۇرخانا يارىدارلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، پىدائىيلار يارىدارلار ئۈچۈن قان تەقدىم قىلىش يولىدا ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇشقان.


  ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭلى ئىشخانىسى 22-چېسلا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇۋەققەت زۇڭلى مۇھەممەد ھەسەن ئاخوند شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلاردىن دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ بارلىق بايلىقتىن پايدىلىنىپ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى، دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ