سۈرەتلىك يەشمە| شىنجاڭ 1-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى كەلدى

2022.06.22 23:15 مەنبە: تىيانشان تورى

  شىنجاڭ 1-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى يېقىندا باشلىنىدۇ، مۇسابىقىدە جەمئىي 30 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، شىنجاڭ نوپۇسىدا بولغان ياكى شىنجاڭدا ئوقۇغان، ئىشقا ئورۇنلاشقان(بىر يىلدىن يۇقىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان) ھەمدە 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن 16 ياشقا توشىدىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشى ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ.

  «جۇڭخۇا ماھارەت مۇكاپاتى»، «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەنلەر، شۇنداقلا 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ھەر خىل مۇسابىقىلەردە «مەملىكەتلىك تېخنىكا ماھىرى»نى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ماھىر سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشسا بولمايدۇ. مۇسابىقە دەرىجە بويىچە تاللاش، كىچىك دائىرىدە مەركەزلەشتۈرۈش، چوڭ دائىرىدە تارقاقلاشتۇرۇش شەكلىدە تەشكىللىنىدۇ.

  مۇسابىقىگە ئائىت ئىشلارنى بىرلىكتە تۆۋەندىكى سۈرەتلىك يەشمە ئارقىلىق چۈشىنىپ باقايلى↓↓↓

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ