مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ 2-تۈركۈمدە مەركەز مالىيەسىدىن ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدىلا 170 مىليون يۈەن تولۇقلىما بەردى

2022.06.22 22:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە مەركەز مالىيەسى يېقىندا شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدىكى ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدىلا 170 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى چۈشۈرگەن. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)لار «ھەممىباب كارتا» شەكلى ئارقىلىق، بىر قېتىملىق تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇغداينى ئەمەلىي تېرىغۇچىلار بولۇپ، كونكرېت ئېيتقاندا، ھۆددە يېرىدىن پايدىلىنىپ بۇغداي تېرىغان دېھقانلار، يەرنى ئوبوروت قىلغان تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كارخانىلار قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ياردەم پۇلى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش، بولۇپمۇ بۇغداي تېرىشتىكى پايدا كۆزلىمىسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنى ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىشتىن نەپكە ئېرىشتۈرىدىكەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش تولۇقلىمىسى ۋە ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشقا ئىشلەتتى، 1-تۈركۈمدىكى مەركەز مالىيەسىدىن ئەمەلىي ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان 360 مىليون يۈەن تولۇقلىما نەقلىشىپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىغان دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش چىقىمىنىڭ ئېشىش تەسىرىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، بۇغداي تېرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  نۆۋەتتە، تۈرلۈك ياردەم مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈزگى بۇغداي تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ سوممىسى بۇلتۇرقى ھەر مو يەرگە 220 يۈەندىن 230 يۈەنگە كۆپەيدى، يازغى بۇغداي تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ سوممىسى ھەر مو يەرگە 115 يۈەندىن 229 يۈەنگە كۆپەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ