مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇش پۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك! بۇ سىياسەت تەڭشىلىدۇ

2022.06.17 00:48 مەنبە: تىيانشان تورى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى بىلەن بىرلىكتە «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش پۇلى سىياسىتىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

  ئاسپىرانتلار مائارىپىدا ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەشتە ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى بويىچە باشقۇرۇشتىن ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشقا تەڭشەلدى، كونكرېت ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمىنى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتۇش تەننەرخى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئەۋزەل پەنلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ. بۇ خىل ئوقۇش پۇلى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ ۋە كۈچ قوشۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئېگىزلىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا ئىختىساسلىقلارنى زاپاس ساقلاش، يەتكۈزۈپ بېرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ساقلاشقا پائال يېتەكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇش پۇلى مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئادەمنى ئاساس قىلىش»تىن ئىبارەت مائارىپ ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمىئىيەتنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار مائارىپىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان ئالىي مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ