مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قۇملۇقنىڭ گىۋىكىدە مۇنداق بىر گۈل دېڭىزى بار

2022.06.16 20:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازنىڭ ئۈچ ئىشى مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەندە پىژغىرىم ئىسسىق بولدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ چۆل-جەزىرىلەردە يۈرۈش كىشىنى قاتتىق چارچاتقاندا، بىر خىل خۇش پۇراق دىماغقا ئۇرۇلىدۇ. ماشىنا دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغاندا، بىر پارچە ئەتىرگۈل دېڭىزى كۆرۈنىدۇ.

  بۇ يەر كېرىيە ناھىيەسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1400 كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق __ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.

  كېرىيە ناھىيەسىدە ئەتىرگۈل تېرىش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ يەردىن چىقىدىغان ئەتىرگۈل دەمەشىق ئەتىرگۈلىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى. نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى، بۇ خىل ئەتىرگۈل قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ شىنجاڭغا تارقالغان، بۈگۈنكى كۈندە، نەچچە ئون مىڭ مو ئەتىرگۈل دېڭىزى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى.

  32 ياشلىق ئېزىز تۇرغۇن كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدىن. ھازىر ئۇ شۇ جايدىكى 10 مىڭ مولۇق ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ مەسئۇلى. 2014-يىلى باغچە رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئېزىز بۇ «شېرىن كەسىپ»نىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى.

  «ئايالىم بىز ئىشلەپچىقارغان ئەتىرگۈل يۈز چاپلىقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، كىچىك بالىلارمۇ ئەتىرگۈل ئەتىر سوپۇنىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ھەر ۋاقىت پاكىز، خۇشپۇراق.» ئېزىزنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، «ئەتىرگۈل كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش سۈپىتىمىزنىمۇ ئۆستۈردى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ