مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۈگۈن بارلىققا كەلگەن دۇنيا بويىچە تۇنجى!

2022.06.16 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ھەرىكەتچان تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلى روكيا چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە (دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى تەمىنلىگەن).


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قاتناش باشلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ تۆمۈريول تورى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئۇزۇنلۇقى 2712 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى قۇملۇق تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ـــ تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەنگەن.


  خوتەن چاقىلىق تۆمۈريولى غەربتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولۇپ، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش شارائىتى قالدۇرۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك تاق لىنىيەلىك تۆمۈريول. تۆمۈريول دۇنيا بويىچە 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ 534 كىلومېتىر قىسمى قۇم-بوران رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆمۈريول لىنىيەسى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ %65 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ تۆمۈر يول تىپىك قۇملۇق تۆمۈريولى.


  2018- يىل 12-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلارنى قۇملۇقنىڭ گېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەدبىر قوللىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئۆز قەرەلىدە پۈتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تەشكىللىدى. قىسمەن بۆلەكلەردىكى قۇم-بوران كۈچلۈك بولۇش، قۇم بارخانلىرى ھەرىكەتچان يۆتكەلگەندە ئاسانلا لىنىيەنى كۆمۈۋېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى كۆۋرۈكنى يولنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 49.7 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇم ئۆتىدىغان كۆۋرۈكتىن بەشنى ياساپ، قۇم-بوراننى كۆۋرۈك ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، قۇم-بوراننىڭ لىنىيەگە بولغان خەۋپ-خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.


  خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خوتەن-چاقىلىق، كورلا، ئۈرۈمچىگە ئەڭ تېز بولغاندا 11 سائەت 26 مىنۇت، 17 سائەت 50 مىنۇت، 24 سائەت 23 مىنۇتتا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى قولايلىق ئەشيا ئوبوروتى يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەككىز يۈك پويىزى قاتناشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، لىنىيە بويىدىكى پاختا، ياڭاق، چىلان، قېزىلما بايلىق قاتارلىقلارنى قاچىلاپ شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە قاتنىيالايدۇ.


  خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىنىڭ چاقىلىقتىن كورلىغىچە بولغان بۆلىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ كورلىدىن قەشقەرگىچە بولغان بۆلىكى، قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكى بىلەن بىرلىكتە 2712 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن.بۇ تۆمۈريولنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە قاتارلىق ناھىيەلىرى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى قاتارلىق جايلىرىدا پويىز قاتنىماسلىق تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم چېگرا رايون تۆمۈريول تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ۋە يۈك توشۇشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، لىنىيە بويىدىكى بايلىقلارنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، چېگرا رايوننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ