مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىشسىزلارغا ياردەم پۇل بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى

2022.05.31 12:54 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 27-چېسلا ئاچقان ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماھارەت ئۆستۈرۈش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىىنجاڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى كاپالىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىشسىزلار، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلارغا ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقاتقان.


  كاپالەت دائىرىسىگە 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلار كىرگۈزۈلدى. سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇۋاتقىلى بىر يىل بولغانلارغا شۇ جاينىڭ 2020-يىلدىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنىڭ % 80ى بويىچە ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ؛ سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇۋاتقىلى بىر يىل بولمىغانلارغا شۇ جاينىڭ 2020-يىلدىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنىڭ % 50ى بويىچە ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق ئىشسىزلارغا 58 مىليون يۈەن ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقاتتى.


  بۇ يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئالغان ئىشسىزلارنى ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار دائىرىسىگە كىرگۈزىدىكەن. گۇۋاھنامە ئالغان بىر يىل ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىلىك (5-دەرىجىلىك)كە 1000 يۈەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك (4-دەرىجىلىك)كە 1500 يۈەن، يۇقىرى دەرىجىلىك (3-دەرىجىلىك)كە 2000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ھەر بىر كىشىنىڭ ھەر يىلى ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن، بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى 2022 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولىدىكەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ