مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زوراۋانلىق، تېررورلۇق سايىسىدىن قۇتۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش نەتىجىلىرى تەستە قولغا كەلدى

2022.05.30 22:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 9-ئايدا، شۇ چاغدىكى شىنجاڭ گۇما ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غەيرەت مامۇت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى جەڭدە يىقىلدى، شۇ چاغدا ئۇ ئاران 47 ياشتا ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئىلگىرى خىزمەت قىلغان خوتەن، ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئۇنىڭ ھېكايىسى تارقالدى، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان كۆرگەزمىخانا نەچچە مىڭ كىشىنى كۈتۈۋالدى.

  شىنجاڭ تيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ئىلگىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى ئىدى. 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۆتكەن 26 يىلدا، غەيرەت مامۇتقا ئوخشاش نەچچە يۈز ساقچى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قۇربان بولدى. ھالبۇكى، يېقىندا غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار بەزى قارالمىلىلىرىدا يامان غەرەزدە كۆپتۈرۈلۈپ، پاسكىنا سۇنى ئۇلارغا چاچتى.

  خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئەڭ زور تەھدىت سالغىنى شىنجاڭدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، زوراۋان-تېررورچىلار بولۇپ، ئادەتتە «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار پۇقرالارنى زەھەرلەپ، قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللاندى، قانلىق دېلولار يۈز بېرىپ، كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. تاشقى دۇنيانىڭ نەزىرىدە، شىنجاڭ بىر مەھەل خەتەرلىك رايوننىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئامالسىز قېلىش دەرىجىسىگە يەتتى. بۇ جەرياندا، ساقچى قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى خادىملار زور تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا غايەت زور قۇربانلىق بەردى.

  شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىزىغا چۈشكەن چاغدا، ئامېرىكا بىلەن غەرب تۇيۇقسىز «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى»غا «كۆڭۈل بۆلۈش»كە باشلىدى. بەزى سىياسەتۋازلار شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ۋە تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ، يەككە تەرەپلىك جازادىن كەلسە-كەلمەس پايدىلاندى. بۇنداق ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان خاتا قىلمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇش بولۇپ، يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ۋە دەخلى-تەرۇزدۇر.

  كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە «غايىۋى دۆلەت» مەۋجۇت ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان «ئۇستاز»لارنىڭ بولۇشى ھاجەتسىز، يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو كۆز قارىشى ئوخشىشىپ كېتىدىغان دۆلەتلەرگە كۆپ قېتىم ۋەكىل بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىسى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش» سۇيىقەستىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، غەيرەت مامۇتنىڭ چوڭ قىزى دادىسىغا ئەگىشىپ ساقچى فورمىسى كىيدى. شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ تىنچلىقى دەل ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كېچە-كۈندۈز قوغدىشىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئۇلار شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلارغا پاسكىنا سۇ چېچىلماسلىقى، يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن تۆھمەت قىلىنماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ