مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ___ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ تۈپ قوغداشتۇر

2022.05.28 20:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەڭ تۈپ قوغداشتۇر. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە-ئۈنۈمى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  ئىلگىرى بىر مەزگىل شىنجاڭدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى خالىغانچە دەپسەندە قىلىنغان. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى كۆپ بۆلەك سىن ماتېرىيالى كۆرسىتىلدى، دېلوغا نەزەر سېلىش ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار شىنجاڭ ئىلگىرى دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مۇئەييەن رايون، مىللەت، دىن بىلەن باغلىماسلىقتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سەۋەبىدىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش ھادىسىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى.

  شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى باشتىن-ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېكىتىلگەن پىرىنسىپقا قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نىزام چىقىرىش ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، نىزام چىقىرىش ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ