مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىكسەپ بۆلۈم باشلىقلىرى، مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2022.05.27 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  23- چېسلا ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىكسەپ بۆلۈم باشلىقلىرى، مىللەت-دىن ئىشلىرى ئىدارىلىرى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ مۇھىم تۈگۈنىدە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىكسەپ سىستېمىسى «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ شىنجاڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.


  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئوبرازلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىق-تەربىيە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى دەستۇرشۇناسلىق ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ قوشۇن قۇرۇلۇشى»نى كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىمۇ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش، تەكلىپ بېرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ماھارەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىستىلنى كۈچەيتىشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، كادىرلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى چېنىقتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ