مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش سۇپىسى تەسىس قىلدى

2022.05.27 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  بىر ئايدىن كۆپرەك سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى نازارەت قىلىش- ئاگاھلاندۇرۇش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئالاقىدار تارماقلار بۇ سۇپىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش، ئىش داۋامىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىشتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مەنبەدىن ياخشى ھەل قىلىپ، تۈزۈم-مېخانىزم جەھەتتىن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.


  نازارەت قىلىش-ئاگاھلاندۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇش كارخانىلىرىدىن ھەر بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بويىچە ئۇچۇر كىرگۈزۈش، سۇپىغا تورلاشتۇرۇلغان يوقلىما ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ يوقلىما قىلىش ھەم بانكا ۋاكالىتەن مائاش تارقىتىشنى تەلەپ قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدە دېھقان ئىشلەمچىلەر ئەمگەك توختامى ئىمزالاشتىن تارتىپ مائاش تارقىتىشقىچە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىش قىلغاندا سانلىق مەلۇمات بولۇش، مائاش ئېلىشتا ئەمەلىي ئاساس بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
نازارەت قىلىش-ئاگاھلاندۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇش ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «دەرىجىگە ئايرىپ تەۋەلىك بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىم باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن، دېھقان ئىشلەمچىلەر، بانكا قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە ئەمگەكچى ئىشلىتىش ۋە مائاش تارقىتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ھەر ۋاقىت ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.


  ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 48 مىڭ 300 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى نازارەت قىلىش-ئاگاھلاندۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈلدى.


  6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ۋە داۋاملاشتۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى نازارەت قىلىش-ئاگاھلاندۇرۇش سۇپىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈلۈپ، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئەمگەكچى ئىشلىتىش لىنىيەسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى توردا تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش پۈتۈن تەرتىپىنى يېپىق ھالقىدا باشقۇرۇش شەكىللەندى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ