مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ئالاقىدار زاتلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دېدى

2022.05.26 22:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار زاتلار شۇ جاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانداق قانات يايدۇرغانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەققانىي تەدبىر.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەسكىن، مۇرەككەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جىددىي تەلىپى ئالدىدا، شىنجاڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» قاتارلىق بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قارارلىرىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، قوبۇل قىلىش ئاساسىدا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توستى.

  يالقۇن ياقۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ باشتىن-ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مۇئەييەن رايون، مىللەت، دىن بىلەن باغلىماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، مەيلى كىم، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسىلا، تېررورىزم، ئەسەبىزم ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسىلا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسىلا، ھەممىسى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.»

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ھەققانىي تەدبىر بولۇپ، تارىخنىڭ سىنىقىغا تامامەن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. بەزى تاراتقۇلار ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۇچرىغان ئاپەتكە، شىنجاڭنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسىگە، خەلقئارا جەمئىيەتتە شەكىللەنگەن كەڭ ئورتاق تونۇشقا قارىماي، يەنىلا ھەدەپ بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى، بىز بۇنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ سەسكىنىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ