5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونىدا خېسۈەن تەكشۈرۈشتە ئىككى ئارىلاشما ئەۋرىشكە قۇتىسىدا نورمالسىزلىق بايقالغان، ھازىر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قايتا تەكشۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە، ئۆز جايىدا باشقۇرۇش-تىزگنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا.
نۆۋەتتە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، خېسۈەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ماسكا تاقاش، قولنى دائىم يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، توپلاشماسلىق قاتارلىق ياخشى ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى
2022ـ يىل 5 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ