دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى باچېلېت خانىمنىڭ 5-ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ۋە شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ
2022.05.19 13:46 مەنبە: خەلق تورى
5- ئاينىڭ 18-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى باچېلېتنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى. ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى باچېلېت خانىمنىڭ 5 - ئايدا دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولۇشى ھەم شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىمىز، دىققىتىڭلار ئۈزۈلمىسۇن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ