مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىكى ئالاقىدار زاتلار ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» سەپسەتىلىرى ۋە سۇيىقەستىگە رەددىيە بەردى

2022.05.17 21:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار زاتلار ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇد دەپ كۆپتۈرگەنلىكىگە رەددىيە بەردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلىرى نامدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاممىنى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىشتىكى باش جىنايەتچى.

  لەنجوۋ داشۆسى سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ساۋ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى»دە ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتكەن كارخانىلار جازاغا ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنغان، بەزى كارخانىلار پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جازالىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياللاپ ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياللاپ ئىشلەتكەن كارخانىلار بىلەن كەسپىي ئالاقە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ، ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ساۋ ۋېي مۇنداق دېدى: «مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر ئاممىسى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي تۇرمۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشى، سىياسىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ، يەككە-يېگانە توپقا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇلارنى پەيدا قىلغان باش جىنايەتچى دەل ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى سىياسەتۋازلىرى.»

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلدۇس مۇرات مۇنداق دېدى: 21-ئەسىردىكى قۇياش نۇرى پۈتۈن دۇنيانى يورۇتقان بولسىمۇ، لېكىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ قالدۇق زەھىرى ئامېرىكىدا يەنىلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئۆزگىرىپ، «نېگىر قۇللار»دىن سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى، ھەتتا ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قوغداش مەسئۇلىيىتىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇردى.

  «ئامېرىكىدىكى بەزى ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ئاز دېگەندە 500 مىڭ كىشى ھازىرقى زامان قۇللۇقىغا ئۇچرىغان ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان.»

  ئىلدۇس مۇرات مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئەمگەكچىلەر مەسىلىسىدە شىنجاڭغا قانداق قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پولاتتەك پاكىتنى مەڭگۈ يوشۇرغىلى بولمايدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ