ما شىڭرۇي تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى تاراتقۇلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايمىز، دېدى

2022.05.11 20:59 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى (خەلق تورى شىنجاڭ قانىلى)دا تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتى قاتارلىق مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ سۇپا ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا يەنىمۇ كۈچەپ، جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جوڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  خەلق گېزىتى ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭ باش پونكىتىدا، ما شىڭرۇي خىزمەت ئۆيى، كۆرسىتىش زالى، يۇغۇرما تاراتقۇ تېخنىكا مەركىزى قاتارلىقلارغا كىرىپ، بىرىنچى سەپتىكى مۇخبىر-مۇھەررىرلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، پۈتۈن تاراتقۇ خىزمەت تەرتىپى، كۆپ تىللىق ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇخبىرلىق-تەھرىرلىكى، ئالاقە تورى تېخنىكىسىنى قوللىنىش، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى قاپلاش، بىرىكمە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كۆپچىلىكنى ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەشكە، شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان مەزمۇت قەدىمى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئەقلىي قابىلىيىتى، قەلەم قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي، جانلىق ياخشى خەۋەر قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرى توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت، دەرىجە، ئۈنۈم جەھەتتىن كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئىدىيەۋىلىككە، ئىللىقلىققا، سۈپەتكە ئىگە بىر تۈركۈم تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى شەرھلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكى، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ ئۇيۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تىرىشىپ شارائىت يارىتىپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ياخشى خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ساداسىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ