مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللار ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

2022.04.28 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، ھەقسىز ئېچىۋېتىلىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0 دە باشلىنىپ 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24 تە ئاخىرلىشىدىكەن. 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىكى كىچىك تىپتىكى ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ ئومۇمىي قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون 550 مىڭ قېتىم بولۇپ، يەتتە كىشلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 720 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 380 مىڭ ئادەمگە يېتىدىكەن. سەپەرگە چىققانلار ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ساياھەتكە چىقىدىغانلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ساياھەتچى مىقدارىنىڭ % 65 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، يولۇچىلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە چىقىش، تۇغقان يوقلاش، سەپەرگە چىقىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ماشىنىسىنى ئاساس قىلغان سەپەرگە چىقىش، قايتىشا زىچ ماشىنا ئېقىمى شەكىللىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، سائەت 10 دىن 12 گىچە، 15 تىن 17 گىچە بولغان ۋاقىت بۆلىكىدە ماشىنا ئېقىمى بىر قەدەر زور بولىدۇ؛ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، بولۇپمۇ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 15 تىن 20 گىچە، سەپەردىن قايتقان ماشىنىلار داۋاملىق كۆپىيىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ مەزگىل يول تورىنىڭ كۈندىلىك ئەڭ زور ماشىنا ئېقىمى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ