مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13 تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىلىدۇ

2022.04.27 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش، بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق 13 تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى شىنجاڭدا بىر تۇتاش بېجىرسە بولىدۇ، رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  4- ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەركەز ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە ئەگىشىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش توساقلىرىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى بىر جاي تەمىنلەشتىن كۆپ جاي تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئۇسۇلى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ئالاقىدار كەسىپلەرنى بېجىرىشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

  رەتلەش ئارقىلىق، شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى شىنجاڭ دائىرىسىدە كەسىپ بېجىرىش تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، تىزىملىكنى «ئۈرۈمچى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلان قىلدى.

  ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئورتاق بېجىرگەن كەسىپلەر تىزىملىكى 13 تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ شەخسنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى خاتىرىلەش تالونىنى سۈرۈشتۈرۈش، بېسىپ چىقىرىش (كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار)، كەسىپ يىللىق پۇلى شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت خاتىرە تالونىنى تەكشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىش، شەخسلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئىسپاتىنى تەكشۈرۈش، بېسىپ چىقىرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەق تاپشۇرۇش خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىغا تىزىملاش (جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش)، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىسىنى توختىتىش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سۇغۇرتىسىنى ئۇلاپ سۇغۇرتىلاش، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى تىزىملاش، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى توختىتىش، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۇلاپ سۇغۇرتىلاش، شەخسلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى تارقىتىش ئىسچوتىنى ئاسراش ئىلتىماسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ 13 تۈرلۈك كەسىپنى پۈتۈن مۇساپىدە توردا بېجىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئىلتىماس قىلغۇچى «شىنجاڭ ئەقلىي ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت»

  App ياكى ئۈندىدار كىچىك تەرتىپى ئارقىلىق باشقا جايدا تىزىملىك ئىچىدىكى كەسىپلەرنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، شەھەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئالاقە تورى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەرنى بىر تور ئارقىلىق بىراقلا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ توردا ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، توسالغۇسىز، پۈتۈن توردا كەزمە مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ