4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 21:00 دە، « پامىر بۈركۈتى لاچىن بايەكە» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر قەھرىمان قۇربان بولغان جاي قەشقەر داشۆسىدە تۇنجى قېتىم ئوينالدى.
تىياتىردا لاچىن بايەكە ئاساسى ئوبراز قىلىنغان، لاچىننىڭ ئىش-ئىزلىرىدىكى ئامىللار بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق سەھنىدە شەخسنى ۋەكىل قىلغان ھالدا رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغان ھەم تۇرمۇشتىن يۈكسەكلەشتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ «خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇش، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ياخشى قوغداش» تەك كوللېكتىپ روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلنار ئابدۇللا مۇنداق دېدى: مۇزىكىلىق تىياتىر شەكلى ئارقىلىق بىر قەھرىماننىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىش شىنجاڭدا تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، بۇ تىياتىر ناھايىتى قالتىس ئوينالدى. لاچىن بايەكەنىڭ روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.
بىر يېرىم سائەتلىك تىياتىر تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشىغا ئېرىشتى. «بەك ھەيران قالدىم. لاچىن بايەكە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە نېمىنىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، نېمىنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى، يەنە بىزگە قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزاسى، لاياقەتلىك جۇڭگولۇق بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى» تۇنجى قېتىملىق نەق مەيدانىدا، قەشقەر دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى مېھرىگۈل مەمتىمىن كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ توختىماي چاۋاك چالدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تىياتىر 22 ـ چېسلادىن 24 ـ چېسلاغىچە قەشقەر داشۆسىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان ئوينالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېن قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە سەييارە ئوينىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ