مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2-قېتىملىق يىغىن ئاچتى

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2022.04.22 21:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمىنى خۇلاسىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنى بىرلەشتۈرۈش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ساھە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، 2022-يىلىدىكى «ئون ئەمەلىي ئىش»نى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى تۈزەشنى تۈركۈمگە بۆلۈپ داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تورغا چېتىشلىق قارا، رەزىل جىنايەتكە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، «توردىن چۈشۈپ قالغان بېلىق»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇش، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق يىپ ئۇچىنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ چوڭقۇر قېزىش، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور دېلولارغا ھۇجۇم قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، نۇقتىلىق رايونلاردا تۈزىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش، ئالاھىدە خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم بېرىش-تەربىيەلەشنى ياخشى ئىشلەش، ئومۇمىي خەلق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق «ئون ئەمەلىي ئىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئون ئەمەلىي ئىش»نى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي يېتەكچىسى قىلىپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ