مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خوتەن ۋىلايىتى «گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى» بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

2022.04.22 15:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى «گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى»نىڭ تىجارەت سودىگىرى خۇاخاۋ مەدەنىيەت پەن ـ تېخنىكا (گۇاڭجوۋ) چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، «گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى» خوتەن ۋىلايىتى ئۈچۈن توردا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، شۇ جاينىڭ قاشتېشى، چىلان قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە تاللاپ سۇپىغا كىرگۈزۈپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، سۇپىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خوتەن ۋىلايىتى بىلەن ساياھەت، سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق ساھەلەردە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئۇل قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىش مەخسۇس رايونى قۇرغاندىن سىرت، سۇپا يەنە ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، «خوتەن كوئېنلۇن سىرلىق مەنزىرە ساياھىتى» «خوتەن مېۋە ـ چېۋە مول ھوسۇل بايرىمى» قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، ئىجرا قىلىپ، خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى ھەم خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى» يەنە ئۆز كوللېكتىپىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشقا ئائىت يۈرۈشلۈك سۈرەت ـ يېزىقلىق ماتېرىيال ۋە سىن ئىشلەپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق خوتەننىڭ كەسىپ بايلىقىنى تونۇشتۇرىدۇ، چوڭ قولتۇق رايونىدىكى داڭلىق كارخانىلارغا قارىتا دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

  خۇاخاۋ مەدەنىيەت پەن ـ تېخنىكا (گۇاڭجوۋ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، «گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى»نىڭ مەسئۇلى لۇ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: سۇپا مەھسۇلات سېتىش، تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش، رەقەملىك سېتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى پائال بىرلەشتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، خوتەننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىدىغان، خەلقئاراغا يۈزلىنىدىغان قىلىپ، خوتەن ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە داڭقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

  «گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى» مەۋقەنى گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىغا قويۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئەمەلىي قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان، كەسىپ بىلەن بازارنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رەقەملەشكەن سودا مۇلازىمەت سۇپىسى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ سۇپا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق كۆپ جايلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەھسۇلات بازىرىنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق پۇرسەت ئىزدەپ، شىنجاڭ ـ گۇاڭدۇڭ ئىككى جاي ئىقتىساد ـ سودىسىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ