مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا

ماناس دەرياسىدىكى بىر قىسىم ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىگە قارىتا ئىككى ئورۇننىڭ ئىسمىنى ئاتىدى

2022.04.11 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك 6-تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 1-سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر تۈركۈم گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، نوچىلارغا تەگمەسلىك، ھەتتا ئەپلەپ-سەپلەپ تاقابىل تۇرۇش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق بىر تۈركۈم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 1-تۈركۈمدىكى بەش تىپىك دېلو مىسالىنى مەركەزلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ماناس دەرياسى سۇ بايلىقىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ تەقسىملەش، ۋادىدا قانۇنغا خىلاپ سۇ ئېلىش مەسىلىسى كۆپ يۈز بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش ئىگىلىۋېلىنىپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئاقىدىغان دەريا يولى ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈلۈپ قېلىپ، بىر قىسىم ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ چېكىنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  شىخەنزە شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، 480 گېكتار سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەريا باشقۇرۇش نىزامى»دا، دەريا باشقۇرۇش دائىرىسىدە توسما، سۇ توسۇش ئۆستىڭى، سۇ توسۇش يولى ياساش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. «دۆلەتنىڭ سۇلۇق يەر باغچىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دە، سۇلۇق يەر سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىچە، شىخەنزە شەھەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماناس دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئىچكى دەريا يولىدا توسما ياساپ، سۇلۇق يەر سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ماناس دەرياسىدىكى تەبىئىي دەريا يولىنىڭ ئۇزاققىچە قۇرۇپ كېتىشى، ماناس دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ماناس دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى قىسمەن مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن.

  سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ماناس دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن سۇلۇق يەر كۆلىمى قۇرۇپ كەتكەن. باغچا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇلۇق يەر باغچىسى، دەريا يولى، يۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى شالاڭلاشقان، چېكىنگەن، قۇشلارنىڭ تەدرىجىي باشقا جايغا كۆچۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ئالاقىدار دەلىللەش دوكلاتىدىمۇ مۇنداق كۆرسىتىلدى: ماناس دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇلۇق يەر ئۆلكە دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ماناس دەرياسى قىنىدا، كەلكۈن پەسلىدىن باشقا ۋاقىتتا دەريا قىنىدا ئاساسەن سۇ ئاقمىغان، دەريا قىنىدا ئىپتىدائىي تەبىئىي ئۆسۈملۈك تېز ئازىيىپ كەتكەن، ياۋايى ھايۋانلار ئازلىغان، 480 گېكتار سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن يوقالغان.

  نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە، بۇ بۆلەكتىكى دەريا سۇلۇق يېرىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى ھەتتا ئېغىر دەرىجىدە قۇرۇپ كېتىپ، ئاساسىي سۇ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، يېقىن ئەتراپتا سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۇچرىتىش تەس بولغان.

  نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقىنى ھەم تەلەپ بويىچە داۋاملىق نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ماناس دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 504.3 كىلومېتىر كېلىدۇ، تيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا، خەلقئارا پەسىل قۇشلىرى كۆچۈش لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ، قۇشلار قاتارلىق جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە رايون ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا مۇھىم ئېكولوگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دەريا-كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش دەريا (كۆل) باشلىقى، مۇئاۋىن باش دەريا (كۆل) باشلىقى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دەريا-كۆل باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، دەريا باشلىقى لى يىفېي، مۇئاۋىن دەريا باشلىقى ما شيۇڭچېڭ، لى شىنمىڭ ئىكەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان شىنجاڭ ماناس دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇپ، ماناس دەرياسى ۋادىسىدا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. مەسىلەن، سۇ مەمۇرىيىتى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، سۇ مەمۇرىيىتى بويىچە رېۋىزىيە قىلىش، ۋادىغا سۇ ئىشلىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، سۇ ئېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش قاتارلىقلار. 2021-يىلى 6-ئايدا، بۇ ئىدارە «مەملىكەت بويىچە دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ