شىنجاڭ شاڭخەيگە 120 توننا ئەلا سۈپەتلىك ئۇن، كەسمە چۆپ ماددىي ئەشيا ياردىمى بەردى

2022.04.11 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  قەشقەر تۆمۈر يول يۈك مەيدانىدا مەشغۇلاتچىلار ماددىي ئەشيالارنى پويىزغا قاچىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ لې فوتوسى)

  4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 10:42 ئۆتكەندە، 120 توننا تۇرمۇش ماددىي ئەشياسى قاچىلانغان بىر پويىز قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بەش كۈندىن كېيىن شاڭخەيگە توشۇپ كېلىنىپ، شاڭخەينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدىكەن. بۇ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئەلا سۈپەتلىك ئۇنلىرى، كەسمە چۆپلىرى بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يەرلىك كارخانا «قەشقەر باھارى» ئاشلىق - ماي چەكلىك شىركىتى ۋە قەشقەر تيانشان ئۇن چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلغان.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى قەشقەر شەھىرى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە، تىرانسپورت يېشىل كارىدورى تەسىس قىلىپ، ماشىنىلار ئارقىلىق ماددىي ئەشيالارنى قەشقەر تۆمۈر يول يۈك مەيدانىغا قىسقا مۇساپىلىك توشۇغاندىن كېيىن بىر تۇتاش توشۇشقا ماسلاشتۇرغان ۋە تەشكىللىگەن.قەشقەر يۈك تىرانسپورت مەركىزى قەشقەر تىجارەت بۆلۈمى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىن مال تەييارلاش، ئالدىن ماشىنىغا قاچىلاش، ئالدىن توشۇش ئارقىلىق، ئىككى سائەت ئىچىدە ماشىنىلارنى تېزدىن سەپلەپ، 30 مەشغۇلات خادىمىنى ماددىي ئەشيالارنى قاچىلاشقا تەشكىللىدۇق. ماددىي ئەشيالارنى تېز قاچىلاپ تېز توشۇپ، پۈتۈن مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تېجەپ قالدۇق».

  شىنجاڭ قەشقەر باھارى ئاشلىق - ماي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز شىنجاڭ ئاشلىق ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ئاشلىق كەسپى جەمئىيىتىنىڭ شاڭخەيگە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىش تەشەببۇسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كەسمە چۆپنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ماشىنا بېكىتىگە يىغىپ توشۇدۇق.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئالاقىدار تۆمۈر يول ئىدارىلىرىنى ئالدىن ماشلاشتۇرۇپ، جىددىي ئىشلارنى تېزدىن بېجىرىپ، توشۇش جەريانىدا يۈك پويىزىنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، توشۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ