مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇش تارىخى بوسۇغىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلار، تېخنىكلار سىنىپىنى پۈتكۈزگەنلەر ئالىي تېخنىكوم، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

2022.04.11 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  2022 -يىلى، شىنجاڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلار سىنىپى، كاندىدات تېخنىك (تېخنىك) سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈدۇ. بۇ، ئوقۇش تارىخىنىڭ ئەمدى خىزمەت ئىزدەشتىكى بىردىنبىر «ۋاسىتە» ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى) لەرنىڭ كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، تېخنىك ئىشچىلار شۆيۈەنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلار سىنىپى، كاندىدات تېخنىك (تېخنىك) سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىغا قاتناشقاندا، مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى بويىچە، مۇناسىپ سىياسەت ۋە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇرنى قوش يۆنىلىشلىك يوللاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تەمىنلەش-ئېھتىياج بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەل جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىلىرى، ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلىرى، كاندىدات تېخنىك (تېخنىك) سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر مەمۇر قوبۇل قىلىش، چاقىرىق بويىچە ھەربىي سەپكە كىرىش، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش، ئاساس مائاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۇنۋان باھالاش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا تېخنىكوم، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلار سىنىپى ۋە كاندىدات تېخنىك (تېخنىك) سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆلچەم قىلىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، تېخنىك شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلاشسا جورىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى بىللە كۆچۈرۈش، نوپۇسقا ئالدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتىكى ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى چياۋ پېڭچېڭ مۇنداق دېدى: تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈدىغان بۆشۈك، لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشى تېخى جايىدا ئەمەلىيلەشمىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلالىشىپ ۋە دەرىجىسى ئۆسۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار مۇھىم ئۇرۇندا تۇرماقتا، يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇش تارىخى بوسۇغىسى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلىنىپ، باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ ئادىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ