خەلق تورى شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ نازىرى تاڭئاتار كېرىماخۇننى زىيارەت قىلدى:

ماكرولۇق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، بايلىق كاپالىتى ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك

2022.03.31 23:06 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تاڭئاتار كېرىماخۇن. ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تەمىنلىگەن سۈرەت.

  تەھرىر ئىلاۋىسى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، 2022-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، جايلار، تارماقلار ماكرو ئىگىلىكنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى پائال ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، سىياسەت جەھەتتە مۇۋاپىق كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

  قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىدە ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، «پۈتۈن يىللىق مۇقىملىق»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ خەلق تورى شىنجاڭ قانىلى، ج ك پ ئاخبارات تورى شىنجاڭ شۆبە تورى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە «ياخشى باشلىنىشقا ياردەم بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت ئومۇمىيىتى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانىلارنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ خەۋەر بېرىپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا سىياسەت يەتكۈزۈپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىشەنچنى ئاشۇردى.

  سۆھبەت تېمىسى: بايلىق كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش

  زىيارەت قىلىنغان مېھمان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تاڭئاتار كېرىماخۇن.

  بايلىقنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كان ئىشلىتىش كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ «ئۈچكە يېقىنلاشتۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش؛ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم... يېقىندا، خەلق تورى «بايلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر تاڭئاتار كېرىماخۇننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  خەلق تورى: 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، خەلق تورى «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش رايونى»دا، «يېڭىدىن تەيىنلەنگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بىلەن ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز توغرىسىدا پاراڭلىشىڭ» مەخسۇس سەھىپىسىنى ئاچتى، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىراتىنى سۆزلىدى. ئامما (بازار سۇبيېكتى)نىڭ ئۈمىدىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى بار؟

  تاڭئاتار كىرىماخۇن: بىز پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچكە يېقىنلىشىش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تەبىئىي بايلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز.

  بىرىنچى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە يېقىنلىشىش كېرەك. جەمئىيەت ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆچمەس مۈلۈك ساھەسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى بىر تالدىن تەكشۈرۈپ، خىزمەت دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ، بېجىرىپ بولغانلىرىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىگە چىڭ تىكىلىپ، سىياسەت ئۆلچىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ساھەسىدە تارىختىن قېپقالغان «مۇرەككەپ ۋە قىيىن مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغديمىز؛ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە ئۆي ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ يېرى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ يېرى ئۇچۇرىنى تولۇق ئاشكارىلاشتا چىڭ تۇرىمىز ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈمىز؛ ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش-سىگنال بېرىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈمىز.

  ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىغا يېقىنلىشىش كېرەك. «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكا»نى ئايرىش ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى پىلانلاش، يەر ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كانچىلىق ھوقۇقى، ئۆلچەش-سىزىش قاتارلىق كارخانىلارغا چېتىشلىق تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ يىرىك پىلاندىكى يەر ئىشلىتىشتىكى «كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشنى بىرىكتۈرۈش، كۆپ كىنىشكىنى بىرىكتۈرۈش، كۆپ ئۆلچەشنى بىرىكتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈمىز؛ تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتى ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرمىز؛ «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تەبىئىي بايلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «بىر توردا ئورتاق بېجىرىش، ئۆلكە ئاتلاپ ئورتاق بېجىرىش»، «باشقا جايدا بېجىرىش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئورتاق بېجىرىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىغا پايدا يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈمىز.

  ئۈچىنچى، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىنلىشىش كېرەك. 2018-يىلىدىن بۇيان، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆپەيتىش-ئازايتىشقا چېتىلغان ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەش كۆرسەتكۈچىدىن 54 مىڭ 800 مو پائال قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئۆلكە ھالقىپ تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاشتا دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاش كۆرسەتكۈچى 75 مىڭ 400 مو بولۇپ، جەمئىي 25 مىليارد 471 مىليون يۈەن مەبلەغكە ئېرىشىپ، ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىشلىتىلدى. بۇ يىل، نۇقتىلىق ھالدا شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆپەيتىش-ئازايتىشقا باغلاپ ئۆلكە ھالقىپ، رايون ھالقىپ تەڭشەش ۋە ئۆلكە ھالقىپ تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاشنى دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، زاپاسنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تۈرنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، شۇ جاينىڭ خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ