مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ قەشقەردىن لىنيىغا قاتنايدىغان تۇنجى يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى رەسمىي قاتنىدى

2022.03.29 13:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ قەشقەردىن لىنيىغا قاتنايدىغان تۇنجى يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى رەسمىي قاتنىدى. جۇ جىڭچاۋ فوتوسى

  25-چىسلا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ قەشقەردىن لىنيىغا قاتنايدىغان تۇنجى يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسىم ئەشيا ئوبوروتىدىكى ئارىلىقتا ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش مەركىزى لىنيىغا يۈرۈپ كەتتى. كېيىن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، لىنيىدىن تۈركۈملەر بويىچە جىنەن، چىڭداۋ، زىبو قاتارلىق شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى شەھەرلەرگە ۋە جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باغۋەنچىلىك، ساپ پاختا، پاختا يىپ قاتارلىق تاۋارلىرى شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلەردە كەڭ بازار تاپقان، شەندۇڭ لىنيىدىكى ئۇششاق مېتال بۇيۇملىرى، مىلىچماللىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرى قاتارلىق تاۋارلارغا شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بازار ئېھتىياجى يىلدىن-يىلغا ئاشتى. ھازىر تاۋارلار كۆپىنچە تاشيول ئارقىلىق توشۇلىۋاتقان بولۇپ، توشۇش تەننەرخى يۇقىرى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاڭ چېڭۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ سودا يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «سىرتتىن كىرگۈزۈپ ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە چىقىرىش» تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى بەرپا قىلىدۇ، بۇ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقىرىقى نۆۋەتچى پويىز تۇنجى قېتىم قاتنىغاندىن كېيىن، قەشقەر بىلەن لىنيى ئارىسىدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم نۆۋەتچى پويىز قاتناش، شارائىت يەنىمۇ پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر قېتىم نۆۋەتچى پويىز قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ