سۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.03.29 13:00 مەنبە: خەلق تورى

  ما شىڭرۇي تارىم دەرياسى ۋادىسىدا سۇچىلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  سۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي چەرچەن ناھىيەسىگە جايلاشقان چەرچەن دەرياسىنىڭ بىرىنچى سۇ بۆلگۈچ تۈگۈنىدە دەريا يوللىرىنى تەكشۈرۈپ، سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەترەت باشلاپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋادا سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە تۈزەش، سۇچىلىق ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  تارىم دەرياسى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، دەريا ۋادىسىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى 40 نەچچە ناھىيە، شەھەر ۋە بىڭتۇەندىكى كۆپلىگەن شى، شەھەر، تۇەن - مەيداننى قاپلىغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى رايونى، بوستانلىق تارقالغان رايون، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى كۈن ۋاقىت ئىچىدە، ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى، تېتىما كۆلى، چەرچەن دەرياسى، بىڭتۇەن 2 - شىسى 37 - تۇەنى قاتارلىق جايلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ، يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ نۇقتىلىق دەريا بۆلىكى ۋە سۇچىلىق تۈگۈنى، يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش رايونى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، لى يىفېي خوتەن ۋىلايىتىدە قاراقاش دەرياسى، يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلۇغئاتا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، خې جۇڭيوۋ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا خوتەن دەرياسى، يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزى ھەمدە ئۆگەن دەرياسى سۇغىرىش رايونى، بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى؛ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، سۇ ئامبىرى، دەريا - ئۆستەڭ يولى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۇ بايلىقىنى تەڭشەش ۋە تەقسىملەش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئەھۋالنى ئىگىلىدى؛ سۇلۇق يەر، دەريا ساھىلى، تۆۋەن ئېقىندىكى كۆللەر، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش - تىزگىنلەش قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش رايونلىرى، سۇ تېجەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ، سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ، شەھەر - بازارلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا سۇ بايلىقى كەمچىل ھەم تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، سۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش قاتارلىقلاردا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى تىزگىنلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشى تۇرغۇزۇپ، ۋادا رايونىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش، سۇ مەنبەسىنى ئېچىش بىلەن ئېقىننى تىزگىنلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قىسقا مۇددەت، ئۇزاق مۇددەت تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋادا سۇ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىشقا، تۇرمۇشقا، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقى قاتتىق چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇش تۈر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە ئېقىم مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېزلىتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېتىز - ئېرىق سۇغىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، سانائەت، شەھەر - بازار قاتارلىق ساھەلەردە سۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك دەريا - كۆل باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، پەن - تېخنىكا ئاساسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىقنىڭ رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن قادېن كەبىن، كۇڭ شىڭلۇڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ