مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەھمەت سىزگە، مىرادىل!

2022.03.23 09:49 مەنبە: خەلق تورى

  مىرادىل 1000 نان، 5000 زىخ كاۋاپتىن 1000 كىشىلىك ئىسسىق نان كاۋىپى تەييارلاپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرغۇچى خادىملارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى

  چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ئۇ مەززىلىك تائاملارنى يۇقۇمغا قارشى تۇرغۇچى خادىملارنىڭ قولىغا بىر-بىرلەپ يەتكۈزدى. ئاددىيغىنە سالام سۆزلىرى، مەززىلىك چۈشلۈك تاماق نەنچاڭنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىنى ئىللىتتى. چۈشلۈك تاماق يەتكۈزگەن يىگىت مىرادىل بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن نەنچاڭدا ئىگىلىك تىكلىگەن شىنجاڭلىق ياش. نەنچاڭدا تۇيۇقسىز يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ئەترىتىدىكى 11 نەپەر دوستلىرى بىلەن بىرگە يۇقۇمغا قارشى مۇراجىئەتنامە يېزىپ، پىدائىيلار قوشۇنىغا قاتنىشىپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرغۇچى خادىملارنى ھەقسىز يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىدى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ تاماق يېيىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ بەش زىق قوي گۆشى كاۋىپىنى بىر نان ئارىسىغا قىستۇرۇپ، گۆش قىستۇرۇلغان مومىغا ئوخشاش قىلىپ تەييارلايتتى. «تويمىسىڭىز يەنە بىر كىشىلىك يەڭ، ھەممىڭلارغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن!» دەيتتى مىرادىل. مىرادىل شىنجاڭنىڭ چىرا ناھىيەسىدىن، ئۇ 2013-يىلى نەنچاڭغا ئوقۇغىلى كەلگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نەنچاڭدا قېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، دەسلەپتە ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2020-يىلى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇ سېتىپ چىقىرىدىغان بەزى ئالاھىدە مەھسۇلاتلار توشۇش جەريانىدا نەملىشىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىپ، شىركەتكە بىر قەدەر چوڭ زىيان ئېلىپ كەلگەن. قىيىنچىلىقتا قالغان مەزگىلدە، ئۆسۈمىنى ھۆكۈمەت بېرىدىغان قەرز پۇل بېجىرىپ، دۇكىنىنىڭ ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىپ، مىرادىل ئەترىتىدىكىلەرنى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن. «ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈممۇ بولمايتتى» دەيتتى ئۇ دائىم مەمنۇن بولۇپ. نەنچاڭدا ئىگىلىك تىكلەپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئۇنىڭدا بۇجايغا نىسبەتەن چوڭقۇر مىننەتدارلىق تۇيغۇسى شەكىللەنگەن. بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرغۇچى خادىملارنىڭ شۇنچە جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، قولىدىن كېلىشىچە تۆھپە قوشالىغانلىقى ئۇنى تولىمۇ ئىپتىخارلاندۇراتتى. مىرادىل مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق رولۇمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمەن. ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن يۇقۇم ئۈستىدىن تېزدىن غەلىبە قىلالايمىز.نەنچاڭ غەيرەت قىل! جۇڭگو غەيرەت قىل!».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ