مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەكلىماكان قۇملۇقى ئايلانما تۆمۈر يولىدا 6-ئايدا قاتناش باشلىنىدۇ

2022.03.17 14:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825.476 كىلومېتىر كېلىدىغان خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى ھەرىكەتچان ھالەتلىك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بۇ يىل 6 ـ ئايدا قاتناش باشلاشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەرىكەتچان ھالەتلىك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرىنى تىنچ ھالەتتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، تۆمۈريول تارمىقى ۋە قۇرۇلۇش ئورنى تەشكىللىگەن سىستېمىلىق ئۇنىۋېرسال تەڭشەپ سىناش، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر يۈرۈش ھالىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ رېلىس، توك، ماشىنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پويىزىغا ئولتۇرۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر، 100 كىلومېتىر، 120 كىلومېتىرلىق ئۈچ خىل سۈرئەتتە خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىنىڭ راۋانلىق دەرىجىسى، سىگنال، خەۋەرلىشىش ۋە كۆۋرۈكلەرگە قارىتا ھەرىكەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى پويىزغا سەپلەنگەن كەسپىي ئەسۋابلار يىغىپ رەتلەپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىپ، قاتناش باشلاشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

  خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۆمۈريول قۇرۇلۇشى بولۇپ، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر، جەمئىي 20 بېكەت تەسىس قىلىنغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدۇ. 2018 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2021 ـ يىلى 9 ـ ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلغان. خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى چاقىلىق ۋوگزالىدا گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب رايونى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان قولاي تىرانسپورت يولى.

  بۇ قېتىمقى خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، «يەتىكەن» ئورۇن بېكىتىپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى سەپلەنگەن 6-GJ تىپلىق رېلىسلىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يېڭى لىنىيەسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا تېخى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ھىسابلىنىدۇ. يۈرۈش جەريانىدا، بۇ ماشىنا لىنىيەنىڭ گېئومېتىرىيەلىك رازمېرىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى رېلىس تەكشۈرۈش سىستېمىسىغا ئىنكاس يەتكۈزۈپ يىغىپ ئانالىز قىلالايدۇ، بۇ كېيىنكى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قولايلىق.

  تەكلىماكان قۇملۇقى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، «ھالاكەت دېڭىزى» دېگەن نامى بار. خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى بۇ قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە ياسالغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ خوتەن ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، خوتەن، لوپ، چىرا قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ھازىرقى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى، قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان تۆمۈريول ئايلانمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ، شىنجاڭنىڭ 2020 ـ يىلى شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەنگەندىن كېيىنكى يەنە بىر تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، لوپ، چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەن ناھىيەلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تۈەن ـ بازارلىرىدا پويىز قاتنىماسلىقتەك تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ