مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنى ئېلان قىلدى

كارخانا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ

2022.03.14 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى (ۋاقىتلىق)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)» نى ئېلان قىلدى. «چارە» گە ئاساسەن، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايون 100 مىليون يۈەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلدى.

  «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى مۇكاپاتلاش يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئېتىراپ قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىنكى تولۇقلىما مۇكاپات ۋە تەتقىقات-ئېچىش خىراجىتىدىن كېيىنكى تولۇقلىما مۇكاپات دەپ ئايرىلىدۇ. تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىنىپ بېكىتىلگەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ۋە ئۈچ يىللىق كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان، يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىنىپ بېكىتىلگەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا مەبلەغ مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەتقىقات-ئېچىش خىراجىتىدىن كېيىنكى تولۇقلىما مۇكاپات كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق تەتقىقات-ئېچىش خىراجىتى سېلىنما سوممىسىغا ئاساسەن ئالتە دەرىجىگە ئايرىلىپ بېرىلىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئېتىراپ قىلىنىپ بېكىتىلگەن كېيىنكى تولۇقلىما مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلار ئالدىنقى يىللىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىپ بېكىتىشتىن ئۆتۈشى (تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلىنىپ بېكىتىلگەن ۋە قايتا ئېتىراپ قىلىنىپ بېكىتىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن كارخانىلار بولۇشى كېرەك. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەتقىقات-ئېچىش خىراجىتى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە مۇكاپات بېرىلىدىغان كارخانىلار كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا تەۋە بولۇشى كېرەك.

  «چارە»دە يەنە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ مۇكاپات مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى كارخانىلار يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئېتىراپ قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىنكى 2-يىلى تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاپ تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىلتىماس سۇنۇپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «چارە» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىشىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 954 كە يېتىپ، 2016 ـ يىلىدىكىدىن %105 ئاشقان، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14.5 ئاشقان، لېكىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان. «14ـ بەش يىل» نىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1200 دىن ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ