«ۋەكىللەر، ئەزالار فۇنكسىيە ئادا قىلغان بۇ بىر يىلدا» ناملىق چاتما خەۋەر

ۋەكىل قۇربان نىياز «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك» دېدى

2022.03.04 12:11 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى قۇربان نىياز2 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى يىخېيۈەن بېكىتىگە يەتكۈزگەن 20 ـ نومۇرلۇق مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەشئەل يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  «قىسقىغىنا 50 مېتىرلىق ئۇدۇلدىن كۈچ ئۇلاشقا قاتناشقانلىقىم مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم كەچۈرمىشىم بولۇپ قالدى، بېيجىڭغا كېلىپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن!» ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش قۇربان نىيازنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى.قۇربان نىيازنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىسى بولغانلىق خەۋىرى شۇ جايدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. مەشئەل يەتكۈزىدىغان كۈنى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى كادىر ۋە ئامما يانفون، تېلېۋىزور ئارقىلىق مەشئەل يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى كۆردى. بىر مەھەل قۇربان نىيازنىڭ مەشئەل يەتكۈزگەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى كادىر ۋە ئاممىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە بەس- بەستە تارقالدى.

  2 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 100 گە يېقىن قىشلىق تەتىلدىن مەكتەبكە قايتقان ئوقۇغۇچىلار قۇربان نىياز مۇئەللىمنىڭ مەشئەلنى ئۆز قولى بىلەن يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندى. ئىككى كۈندىن كېيىن، قۇربان نىياز يەنە مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە دۆلەتكە كۆڭۈل بۆلۈش، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بەردى.

  2003 ـ يىلى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربان نىياز مائارىپ ئارقىلىق يۇرتىنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۈزۈكسىز چىڭىتتى. شۇ يىلى 5 ـ ئايدا، قۇربان نىياز بارلىق يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇردى. ئۇنىڭ مەكتەپ قۇرۇشتىكى مەقسىتى مائارىپتىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق بالىلارغا جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ئىدى.

  «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدا، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى% 99.5نى ئىگىلەيدۇ، بۇ يەردىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلىيەلمەيدۇ، نامراتلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى ئوقۇتۇشنى خالىمىغاچقا، ئىماملىرىم بازىرىنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتى بىر مەھەل ئۆرلەپ كەتكەن» دېدى قۇربان نىياز مۇخبىرغا. مەكتەپ يېڭى قۇرۇلغاندا ئاران 80 نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى، ھازىر 632 ئوقۇغۇچى بار، ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتىدۇ، بۇنىڭدىن مەن ئىنتايىن مەمنۇن، مەن مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرى بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئاتا قىلدى» دېدى ئۇ يەنە. قۇربان نىياز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يەنە: مەكتەپ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىدى، يەنە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن چىڭخۇا داشۆگە ئۆتكەن تۇنجى ئوقۇغۇچىنىمۇ يېتىشتۈردى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ