مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى شىمال قۇم مۇداپىئە بەلبېغى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى

2022.01.17 11:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «شىمال قۇم مۇداپىئە بەلبېغى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «يىرىك پىلان»غا ئاساسەن، دۆلىتىمىز شىمالدىكى رايونلاردا ئالتە تۈرلۈك مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ، بۇ، شىنجاڭدىكى ئىككى چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئالتە تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى بويىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، خېشى كارىدورىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، تىيانشان ۋە ئالتاي تېغىدىكى ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش قۇرۇلۇشى، شىمال قۇم مۇداپىئە بەلبېغىدىكى كان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش جەمئىي 29 نۇقتىلىق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىمالدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، شىمال قۇم مۇداپىئە بەلبېغى بوشلۇقىنى قوغداش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  تارىم دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى قاتارلىق ئېقىن رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈرى، توغراقلىق ۋە چاتقال قاتارلىق چۆل ئىپتىدائىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداشنى قانات يايدۇرۇش، دەريا قىرغىقى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قاشالاپ يېتىشتۈرۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇش، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، بىخەتەر پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش، تاشلاندۇق كانلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە 348 مىڭ گېكتار چېكىنگەن ئوتلاقنى تۈزەش، 1 مىليون 122 مىڭ گېكتار ئورمان بىنا قىلىش، 1 مىليون 877 مىڭ گېكتار يەردە سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، 3 مىليون 927 مىڭ گېكتار قۇملاشقان يەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تاماملىنىدۇ، 17 جايدا خەلقئارا دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر، دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلىدۇ ياكى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  تىيانشان ۋە ئالتاي تېغىدىكى ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش قۇرۇلۇشى تىيانشاندىكى ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئالتاي تېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلارنى قوغداش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئورمىنى قۇرۇلۇشى، چېكىنگەن ئىھاتە ئورمانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چېكىنگەن ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قانات يايدۇرۇلۇپ، يەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇش ۋە تېرىلغۇدىن قايتۇرۇپ تېرىقچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئازايتىش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرى يولغا قويۇلىدۇ. 2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە 1 مىليون 534 مىڭ گېكتار چېكىنگەن ئوتلاقنى تۈزەش، 608 مىڭ گېكتار ئورمان بىنا قىلىش، 1 مىليون 807 مىڭ گېكتار يەردە سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى تاماملاش، 1 مىليون 406 مىڭ گېكتار قۇملاشقان يەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى تاماملاش، 24 جايدا خەلقئارا دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر، دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم سۇلۇق يەر، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى قۇرۇش ياكى مۇكەممەللەشتۈرۈش پىلانلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ