مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

2022.01.17 10:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىر فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش»نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، ھازىر ئۈچ كارخانا «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش» ئارقىلىق ئىجازەتنامىگە ئېرىشكەن.

  «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالاقە تورى + مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى ھەم ئىجازەتنامىنى پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش ھالقىسى، مەشغۇلات ئەندىزىسى، يەتكۈزۈش ۋاقىت چېكىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇناسىپ ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىدى، ئىجازەتنامىنى پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش پېچىتى قاتارلىقلارنى زاكاز قىلدى.

  ئىجازەتنامىنى «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئومۇمەن شىنجاڭدا رويخەتكە ئالدۇرغان قانۇنىي ئىگە كارخانىلار شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى /http://xj.spb.gov.cnنىڭ «توردا ئىش بېجىرىش» بۆلىكىگە كىرىپ، ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىش، ئۆزگەرتىش، ۋاقتىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاپ بېجىرىش قاتارلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كەسىپلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىجازەتنامىنى پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش ئىقتىدارى ئارقىلىق، پوچتىدىن ئەۋەتىش شەكلىنى تاللاپ ئىجازەتنامىنى ئېلىپ، «بىر قېتىممۇ قاترىماي» كىنىشكا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى پوچتا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازىتىنىڭ «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» ئاساسىدا، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» «يېقىن ئەتراپتا بىر قېتىم قاتراش»تىن «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىشىدىكى ئەمەلىيەت. كېيىنكى قەدەمدە، ئىدارىمىز مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى قىسقارتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى 284 كارخانا تېز يەتكۈزۈش كەسپى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ