مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت سۆھبەتلىشىشكە مەركەزلىك تەشكىللەپ بېكىتكەن دورىدىن 67 خىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى

2022.01.17 10:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​دورا باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %90تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى (2021 - يىل)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يېڭى نۇسخىدىكى «دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى» دېيىلدى)نى يولغا قويدى، 74 خىل دورا يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت سۆھبەتلىشىشكە مەركەزلىك تەشكىللەپ بېكىتكەن دورىدىن 67 خىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، دورا باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %61.71، ئەڭ يۇقىرى تۆۋەنلەش نىسبىتى %93.73 بولدى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى نۇسخىدىكى «دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى»دىكى دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ كېسەللىكلەرگە، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ئىكەن. دۆلەت سۆھبەتلىشىشكە مەركەزلىك تەشكىللەپ بېكىتكەن 67 خىل يېڭىدىن كۆپەيگەن دورا ئاساسلىقى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، ئالاھىدە كېسەللىكلەر، دىيابېت كېسىلى، روھىي كېسەل، ناركوزدا ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تېببىي دورا مۇلازىمەت - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: مەسىلەن، بۇ يىل دۆلەت يېڭىدىن سۆھبەتلىشىشكە مەركەزلىك تەشكىللەپ بېكىتكەن دورا − يۇلۇن خاراكتېرلىك مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان نوشىناشېڭنا ئوكۇلىنىڭ بىر دانىسىنىڭ باھاسى ئاز كەم 700 مىڭ يۈەندىن 33 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا تۆۋەنلىتىلدى، بۇ دورا بىرىنچى يىلىدا ئادەتتە ئالتە تال ئىشلىتىلىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ئاغرىقلار بىر يىلدا مۇشۇ دورا ئۈچۈنلا تەخمىنەن 4 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتى سەرپ قىلاتتى، ھازىر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلغاندىن كېيىن، ئاغرىقلار ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەت 40 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ.

  سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ دورا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش، قولايلىق بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېڭى نۇسخىدىكى «دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى»دىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئالاھىدە كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشقا ماس كېلىدىغان دۆلەت سۆھبەتلىشىشكە مەركەزلىك تەشكىللەپ بېكىتكەن دورىلار، ئالاھىدە دورىلارنى ۋاقتىدا «قوش يول» (بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرى)غا كىرگۈزۈپ باشقۇردى، بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيگەن 39 خىل دورا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «قوش يول»ىغا كىرگۈزۈلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «قوش يول»ىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرىدىغان دورىلار جەمئىي 157 خىلغا يەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ