مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى تىزىملىككە كىردى

2022.01.17 10:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە 2021 - يىللىق «سەمىمىيەت چولپىنى»نى ئېلان قىلدى

  شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى تىزىملىككە كىردى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنىڭ سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش، سەمىمىيلىكنى قەدىرلەش، لەۋزىدە تۇرۇشقا دائىر كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى جانلىق بايان قىلىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا جەمئىيەتكە 2021 - يىللىق «سەمىمىيەت چولپىنى»نى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئون «سەمىمىيەت چولپىنى» (ئىككى كوللېكتىپ ۋە سەككىز شەخس) ئايرىم - ئايرىم ھالدا: فۇجيەن خۇڭشىڭ ئېركې تەنتەربىيە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى، تيەنجىن شەھىرى بېيچېن رايونى رۇيجىڭ كوچا باشقارمىسى باۋسۈي خۇادۇ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن زېيىن، شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى پېڭپۇ بازىرى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار كوللېكتىپىنىڭ باشلىقى يەن جېڭ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇەيئەن شەھىرى خۇەييىن رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى لى ئەييۈن، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ لۇئەن شەھىرى جىنجەي ناھىيەسى مابۇ بازىرى چىشەن كەنتى خەيداۋ سەھىيە پونكىتىنىڭ دوختۇرى يۈ جياجۈن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرى شىجۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى شيې لىتىڭ، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەنجوۋ رايونى ۋۇلىڭ بازىرى يىچېڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى يۈەن يۈلەن، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى لۇشۈي شەھىرى چېڭگەن يېزىلىق پوچتىخانىنىڭ پوچتىخانا باشلىقى ساڭ نەنسەي، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى رۇنشىن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن يۈ.

  بۇ يىل «سەمىمىيەت چولپىنى»نى ئېلان قىلىشتا ئاساسلىقى تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىملىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى سۆزلەندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن، بەزىلىرى تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىرادىدىن قايتماي خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلغان؛ بەزىلىرى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنىڭ «قوغدىغۇچىسى»غا ئايلانغان؛ بەزىلىرى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر ئۆمۈر ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغدايدىغان ئاددىي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان؛ بەزىلىرى سەمىمىيەت ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، بازار ئىگىلىكى چوڭ دولقۇنىدا كارخانىنىڭ ئىناۋەت ماركىسىنى تاۋلاپ چىققان. ئۇلار تامچە - تامچە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان جاراڭلىق ۋەدىسىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، سەمىمىيلىك ئارقىلىق قەد كۆتۈرۈش، لەۋزىدە تۇرۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشتەك كىشىلىك ھايات ئەقىدىسىنى جانلىق نامايان قىلدى، ئۇلار سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش قىممەت ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئون «سەمىمىيەت چولپىنى»غا گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىدۇ. «سەمىمىيەت چولپىنى» ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە پىروگرامما مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە - ئىقتىساد قانىلىدا 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تۇنجى قويۇلىدۇ، ئالاقىدار يۇغۇرما تاراتقۇ ئەسەرلىرى «<سەمىمىيەت چولپىنى>غا ئېھتىرام» «سەمىمىيەت نۇرى»لارمۇ يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن يوللىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ