مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

2022.01.17 10:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا، بېيجىڭدا 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى بەلگىلىمىسى، ناھىيەدىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلاردىكى باشقۇرغۇچى ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش، ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشتىن ئىبارەت بەش مەسىلە چوڭقۇر شەرھلەندى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاچ ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاچ ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەش مەسىلە توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»دا كۆڭۈلدە سان بولۇش، تۈرلۈك زىددىيەتلەرگە قارىتا ئېنىق چۈشەنچە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت پىكىر يولى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، سىياسەت - تەدبىرلەرنى بېكىتكەندە، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، خاسلىقىغا قويۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئىناق، تىنچ مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاخبارات تەشۋىقاتى، ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقاتى، جەمئىيەت تەشۋىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ھەر يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، بىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىشىمىز ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتتى. يىغىندا ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىلمىي بولۇشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، پىلانلىق ئىش كۆرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى بەلگىلىمىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ناھىيەدىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلاردىكى باشقۇرغۇچى ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشكە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كەسپىي ئورۇن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى كۆزلەپ، ئەخلاقى، ئىقتىدارى، ساپاسى، شەخسنىڭ خىزمەت ئىستاژى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسىنى ئاساسلىق نامايان قىلىدىغان دەرىجە ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ