مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

راخمان ئەخەت 2021 ـ يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ سايلاندى، دېڭ شيۇڭجيې ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2022.01.11 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتكۈل جەمئىيەتكە 2021 ـ يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» نىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلدى، مەملىكەت بويىچە 20 خەلق ساقچىسى 2021 ـ يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ سايلاندى، 17 كىشى ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى خادادۆڭ ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى راخمان ئەخەت 2021 ـ يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ سايلاندى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12 ـ شى ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچى ئىشلىرى تېخنىكىسى بويىچە 3 ـ دەرىجىلىك مەسئۇلى دېڭ شيۇڭجيې ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  راخمان ئەخەت 2009- يىلى ج خ خىزمىتىگە قاتناشقان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئامانلىق ساقلاش پونكىتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئادەمزات ئاياغ باسمايدىغان قۇملۇقتا، مال ساندۇقىدىن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر گازارمىنى تۆت يىلدىن كۆپرەك ساقلىغان، ھەر يىلى ئاز دېگەندە 300 كۈن قۇم-بوران بىلەن بىللە تۇرغان2014- يىلى 5 - ئايدا، خادادۆڭ بازىرىدا تۇنجى ساقچى قاراۋۇلخانىسى قۇرۇلغان، راخمان ئەخەت قۇملۇقتىن ساقچى قاراۋۇلخانىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ ئوزۇق ـ تۈلۈكنى يۈدۈپ، موتوسىكلىت بىلەن تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلاتتى، ماي قالمىغاندا ئىتتىرىپ ماڭاتتى، يولدىن ئېزىپ قالغاندا چىغىر يولنى بويلاپ ماڭاتتى. ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى تەۋەلىك رايونىنى قاپلىغان، تەۋەلىك رايوندىكى ئەمەلىي نوپۇس ۋە ئولتۇراقلىشىش ئادرېسىنى ئېنىق ئىگىلەپ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق-تەلىپىنى ھەل قىلغان. 13 يىلدا، گەرچە ئىش ئورنى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن راخمان ئەخەت باشتىن-ئاخىر قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغراقلارغا، قۇم ـ بورانغا ھەمراھ بولۇپ، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىپ، تىنچ، ئىناقلىقنى قوغدىدى.

  دېڭ شيۇڭجېي 2008- يىلى 10- ئايدا ج خ خىزمىتىگە قاتناشقان، ئۇ يۇقىرى تەمىناتلىق سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرىلىق خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قانۇن دوختۇرى بولغان. ساقچى بولغان 13 يىلدىن بۇيان دېڭ شيۇڭجيې خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باشتىن-ئاخىر بىڭتۈەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، يىل بويى دېلو نەق مەيدانى، ئوپېراتسىيە ئۆيى، دەپنە سارىيىغا بېرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش خىزمەت پوزىتسىيەسى، ئىلمىي، ئېھتىياتچان خىزمەت ئىستىلى بىلەن تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ماددىي ئىسپاتلارنى ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، تەھقىقلەش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك دېلو پاش قىلىش يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، دېلو دەۋاسىنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ