مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ 2021- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2022.01.11 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 11- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ بويىچە 2021- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» دىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10 خەلق ساقچىسى 2021- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ باھالاندى. ئۇلار: شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى خادادۆڭ ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى راخمان ئەخەت، تېكەس ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قارادالا ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى دىلشات ئاۋشان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش تارماق ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى باھالاش تەجرىبە مەركىزىنىڭ مۇدىرى نەن جياڭ، شىخو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى گەنجياخۇ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈەن يۈچېن، ئالتاي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چاشيۇ يولى ساقچىخانىسى ئېرتىش دەريا مەھەللە ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى سانىيە ئابدۇكېرىم، جىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى يەنزى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى لاڭ مىڭمىڭ، قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى كوئېنلۇن يولى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ما ئېندا، كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى جاڭ تىڭكەي، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى ئاپشاركا ئورنىنىڭ خەلق ساقچىسى خوۋ گاڭ ۋە قاغىلىق ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەدەنىيەت يولى ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى خې شياۋيەندىن ئىبارەت.

  تۆت نەپەر خەلق ساقچىسى شىنجاڭ بويىچە 2021 ـ يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۇچۇڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىن، قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق ج خ ئىدارىسى شىڭشىڭشيا ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي خاۋلى، پىچان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى لۈكچۈن ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ئەخمەت، لوپ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى سامپۇل ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى مەمتىمىن مەتتوختى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى يەنىمۇ ياخشى سۆزلەش ئارقىلىق كەڭ خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

  2021- يىلى شىنجاڭ بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ سايلانغان ۋە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خەلق ساقچىلىرى بىردەك شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۆكۈنمەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زېممىگە ئالىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان «ئەڭ گۈزەل» جاۋاب قەغىزىنى يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تەن شياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلىرى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى»غا توغرىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جىسمىدىن مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى ج خ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان، ئىشەنچلىك، خاتىرجەم بولىدىغان «تۆت پولاتتەك» يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ج خ پولات قوشۇنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى مۇساپىنى ھىمايە قىلىپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ