مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ياخشى جاي ــ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنى سىنلىق ساياھەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2022.01.07 12:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە«شىنجاڭ ياخشى جاي − ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنى سىنلىق ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پەلەستىن، پاكىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، قىرغىزىستان، نىگېرىيە، كامېرون قاتارلىق 36 دۆلەتنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، مۇئاۋىن ۋەكىللىرى قاتارلىق ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى سىنلىق ئالاقىگە قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توردا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇيۈەنشياڭ ئاھالىلەر كومىتېتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يەسلى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللىي چالغۇلار كەنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئەسلىدىكى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان كۇرسانتلارقاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ۋەكىللەر جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگونىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى كىشىنى قايىل قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى، ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى،ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق قەتئىي قوللاشنى خالايدىغانلىقىنى، پۇرسەت بولسا شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

  بۇ قېتىمقى شىنجاڭنى سىنلىق ساياھەت قىلىش پائالىيىتى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى، ھەر قايسى تەرەپلەر قىزغىن پاراڭلىشىپ، كۆڭۈل بۆلۈدىغان تېمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇررۇشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ