مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا جەمئىيەت سىجىل مۇقىملىققا يۈزلىنىپ، ئامممىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى

2022.01.05 12:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ-ئامېرىكا شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ئامېرىكىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان- ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېلزات ئەخمەتجان جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا دائىىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  ئېلزات ئەخمەتجان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ھازىرغىچە ئۇدا بەش يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، جەمئىيەت ئامانلىقىغا چېتىشلىق دېلولار، بىخەتەرلىككە چېتىشلىق دېلولار ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى.

  2020- يىلى، شىنجاڭدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 34 مىڭ 838 يۈەنگە يېتىپ، 2010-يىلىدىكىنىڭ 2.41 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 56 يۈەنگە يېتىپ، 2010 ـ يىلىدىكىنىڭ 2.82 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

  ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭدا شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە سەككىز شۆبىسى ھەمدە ئىسلام دىنى مەكتىپى بولۇپ جەمئىي ئون دىنىي مەكتەپ بار، ھەر يىلى ئېھتىياجغا قاراپ تولۇق كۇرس، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكىدىكى شىنجاڭلىق بىر خۇاچياۋ قېرىنداش مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن پەخىرلىنىمىز. شىنجاڭ توغرىسىدىكى يالغان خەۋەرلەرگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭغا يامان نىيەتتە بولغان كىشىلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلايمىز.

  ئېلزات ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خۇاچياۋ قېرىنداشلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چەت ئەلدىكى خۇاچياۋ قېرىنداشلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، قاتناشقۇچى، مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇشىنى قوللاپ، خۇاچياۋ قېرىنداشلار، چەت ئەلدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىپ كۆرۈپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ۋەتەن ۋە يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى سەمىمىي قارشى ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ