مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامايان بولغىنى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىزنىكى، چاقناپ تۇرغىنى ئاددىي ئېتىقاد

2022.01.04 22:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىزنىكىنى چىقارغان ئاشۇ دەقىقىدە، مېنىڭ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى!»

  شىنجاڭدىكى بىر چارۋىچى تاغا ساياھەتچىلەرنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغان ئاپتوموبىلىنى ئىتتىرىپ چىقىرىپ قويغان، رەھمەت ئېيتىش ھەققىنى رەت قىلغان ھەم مەيدىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن بۇ كۆرۈنۈش سانسىزلىغان كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

  قەھرىتان قىش پەسلىدە، چارۋىچى تاغىنىڭ ھەرىكىتى خۇددى قىشتىكى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ئادەمنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  جاراڭلىق سۆز يوق، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ئۇلۇغ ئىش يوق، دىققەت قىلمىغان بىر ھەرىكەتنىڭ كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭدا چاقناپ تۇرغىنى ئاددىي ئېتىقاد، كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگىنى ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈچ.

  ئېتىقاد دېگەن نېمە؟ بۇ چارۋىچى تاغىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېتىقاد پارتىيەگە كىرگەن كۈندىن باشلاپ ھەر ۋاقىت پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىگە تەلەپ قويۇش، ئېتىقاد بولسا پارتىيەگە كىرگەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان «قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئالدىغا ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش»، ئېتىقاد بولسا ئامما ئۈچۈن، يۇرت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشتۇر.

  بۇنىڭغا مۇناسىپ بولغىنى شۇكى، ئۇنىڭ ساپ كۆزلىرىدىن، مۇستەھكەم نەزىرىدىن، مەغرۇر چىراي ئىپادىسىدىن ئېتىقاد نۇرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ روھىي قىياپىتى، بۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان جانلىق ئىزاھات.

  بەزى تورداشلار مۇنداق سوراشتى: «بۇنداق كىشىلەر پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى سىزنىڭچە قانچىلىك؟» بۇنىڭ جاۋابى قەيەردە؟ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەق مەيدانىدىن تۈرلۈك پارتىيە ئەزالىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ۋاقىتقىچە، ئاشۇ ئېگىز جەۋلان قىلىۋاتقان پارتىيە بايرىقى ئەڭ جاراڭلىق جاۋاب.

  «بىر ياچېيكا بىر قورغان، بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق.» نېمىشقا كۆزۈمگە دائىم ياش كېلىدۇ؟ چۈنكى مەن بۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرۈمەن؛ نېمە ئۈچۈن قەيەر ئەڭ قىيىن، ئەڭ جاپالىق بولسا، مەن شۇ يەرگە بارىمەن؟ چۈنكى مەن بىر پارتىيە ئەزاسى. بۇ دەل بۇ چارۋىچى تاغىغا ئوخشاش مىڭلىغان پارتىيە ئەزالىرى چىقارغان ئاڭلىق تاللاش ئەمەسمۇ؟

  بۇ چارۋىچى تاغىنىڭ ئىسمى ئابدۇجاپپار مېڭدې. بۇ يارقىن ئىسىمنى، باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان پارتىيە ئەزاسىنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە نىزامنامىسىگە بولغان چوڭقۇر تونۇشىمىزنى كۈچەيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ