مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىن ئىككى كىشى «ئەڭ گۈزەل مەمۇر» دېگەن نامغا ئېرىشتى

2021.12.03 12:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «ئەڭ گۈزەل مەمۇر»نى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، جاڭ چۈنشەن قاتارلىق 32 يولداش «ئەڭ گۈزەل مەمۇر» بولۇپ باھالاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرقىلار يەنە 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى. شىنجاڭدىكى ئىككى كىشى بۇ شەرەپكە ئېرىشتى، ئۇلار: ئاقچى ناھىيەسى قارابۇلاق يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمنىڭ باشلىقى چارچابېك ۋاقىتبېك بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شىسى تۇمشۇق شەھەرلىك باش دوختۇرخانىسى 41-تۈەن شۆبە دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى چيەن بىن.

  چارچابېك ۋاقىتبېك ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قارابۇلاق يېزىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان چېگرا چارلاش، چېگرا قوغدىغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، قار سۈيىگە چىلانغان ناننى يېيىش ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئايلانغان، چېگرا لىنىيەسىدىكى چوڭ-كىچىك سىرتقا تۇتىشىدىغان تاغ ئېغىزلىرىدا ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالغان. ئۇ چېگرا رايونغا سادىق بولۇپ، ئاممىغا قىزغىن خىزمەت قىلىپ، چېگرا رايون مەمۇرلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى.

  چيەن بىن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتناشقاندا، چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ «جىددىي، قىيىن بولغان، غەم قىلغان، ئارزۇ قىلغان» مەسىلىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلغان ھەمدە «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن؛ يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان باشتىن-ئاخىر سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلگەن، قەيەردە ئېھتىياج بولسا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى شۇ يەرگە ئاتقان، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن.

  بۇ قېتىم «ئەڭ گۈزەل مەمۇر» بولۇپ باھالانغان شىنجاڭلىق ئىككى مەمۇر خەۋپ-خەتەردىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، يىلتىز تارتىپ تۆھپە قوشىدىغان، پاك-دۇرۇس بولۇپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىلغار تىپلار، ئۇلار مەمۇرلار توپىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان چاكارلىق خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ