مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېمەك-ئىچمەك مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

«خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق»

2021.12.02 18:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېمەك-ئىچمەك مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى، تىنچ، ئىناق، گۈللەپ ياشناش مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  ما يۆباۋ ئۆزى قۇرغان ھەلىمە يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنى باشقۇراتتى، يېقىندا ئۇ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسىنى كۆپچىلىككە ئۆگەتتى. گەرچە خىزمىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتى بولسىلا ئوغلىغا ھەمراھ بولۇپ توپ ئوينايدۇ، قىزىنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى كۆرىدۇ. بەختلىك تۇرمۇش ما يۆباۋنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى قوزغىدى.

  چاغانتوقاي ناھىيەسىدىن كەلگەن شا يۇڭ ئالتە يىل ئىلگىرى يېمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن ئۇچرىشىپ، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ئىككى ئاشخانا ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھەر بىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىنچىكە ھالقىلار ئارقىلىق سۈپەت بەرپا قىلىپ، مۇھەببەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىمەن.»

  ئەمەتجان ئابدۇرېھىم غۇلجا شەھىرىدە بىر ماروژنى پىششىقلاش زاۋۇتى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يەرلىك ھۆكۈمەت مېنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشۇمنى قوللىدى، مېنىڭچە كىشىلىك ھايات ناھايىتى ئەھمىيەتلىك.»

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى خۇ جىچۈن مۇنداق دېدى: يالغان گەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ياپالمايدۇ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بۇ پولاتتەك پاكىت، بۇرمىلاشقا بولمايدىغان ھەقىقىي ئەھۋال. شىنجاڭ ھەر يىلى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئورتاق ئېچىپ قۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. ھازىر شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان گەپلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ