خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاساسىي قاتلامدىكى سەككىز ئامما ۋەكىلىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، خىزمەت كۆرۈنۈشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش»، «مەدەنىيەتنى يوقىتىش» قاتارلىق يالغان سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەردى.
سىن كۆرۈنۈشىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى رابىيە غۇلام بىر كىچىك دۇكان ئاچقان، ئۇنىڭ ئېرى ئاشپەز بولۇپ، ئائىلىسىدە ئىككى بالىسى بار، چوڭ ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، كىچىك ئوغلى يەسلىدە، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن دائىم بالىلىرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ ئويناپ، بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. يېقىندا، رابىيە غۇلامنىڭ ئېرى يەنە تور سۇپىسىدا يېڭى يېمەك-ئىچمەك ياساش ماھارىتىنى ئۆگەندى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېتىپ بېرىپ، سىناپ باقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇرمۇشىمىز بەختلىك، خۇشال، كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىد بار.»
بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى خۇ جىچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، شىنجاڭ ھەر يىلى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شىنجاڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تەرتىپلىك شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلاردا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.
خۇ جىچۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭدا «كىشىلىك ھوقۇققا چېقىلىش»، «مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشى» مەۋجۇت قاتارلىق سەپسەتىلەرنىڭ مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە كاشىلا قىلىش. ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان سۆزلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تېخىمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ