مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ۋە ھېكايىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، غەربنىڭ نومۇسسىز يالغان گەپلىرىگە رەددىيە بېرىلدى

___ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز

2021.12.02 18:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى سىن ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى ھەمبەھىرلەپ، ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق قائىدە سۆزلەپ، ئامېرىكا، غەربنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» يالغان سۆزلىرىنى تارمار قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: «‹ئىرقىي يوقىتىش›نىڭ روشەن بەلگىسى نوپۇس سانىنىڭ ئازىيىشى بولۇشى كېرەك. لېكىن شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ نوپۇسى، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى سىجىل ئېشىپ، نوپۇس ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.»

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1953-يىلىدىكى 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن 2020-يىلىدىكى 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكىچە، شىنجاڭنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 783 مىڭ 600 دىن كۆپىيىپ 25 مىليون 852 مىڭ 300 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون 607 مىڭ 600 دىن كۆپىيىپ 11 مىليون 624 مىڭ 300 گە يەتكەن. شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمرى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 1949-يىلىدىكى 30 ياشتىن 2019-يىلىدىكى 74.7 ياشقا يەتكەن.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ‹ئىرقىي يوقىتىش› يولغا قويۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى يەنە شۇنچە زور دەرىجىدە ئاشامدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى يەنە مۇشۇنداق زور دەرىجىدە ئاشامدۇ؟»

  شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىن كەلگەن ئايقەمەر تۇرسۇن كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا ئىككى بالىنىڭ ئانىسى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ بالا تۇغۇلغان چاغدىكى تۈرلۈك پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى قىزغىن تونۇشتۇردى. مەسىلەن، دۆلەت تەمىنلىگەن ھەقسىز ۋاكسىنا، ھەقسىز بوۋاقلار-بالىلار ئوزۇقلۇق بۇيۇمى قاتارلىقلار. ئۇ مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭدا بالىلار يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇسا ھەممىسى ھەقسىز، شارائىتى ئىنتايىن ياخشى، مەن دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەك مىننەتدار.»

  غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ تۇغۇتى مەجبۇرىي چەكلەندى» دېگەن يالغانچىلىقى ئۈستىدە توختالغاندا، ئايقەمەر تۇرسۇن غەزەپلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇلار كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتىدۇ! كەنتىمىزدە 580 نەپەر ئايال بار، بۇنىڭ ئىچىدە تۇغۇت يېشىدىكى ئايال 390 نەپەر، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش ئىككى-ئۈچ بالىسى بار، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا نۇرغۇن كىچىك دوستلار كەنت مەركىزىي مەيدانىدا ئويناپ، ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنسا، بۇ بالىلار تاشنىڭ يوچۇقىدىن سەكرەپ چىقامدۇ؟»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ