مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بېيجىڭدا شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق دەستىكى» ئاقمايدىغان دەستەك

2021.12.01 13:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇقى» تېمىسىنى داۋاملىق ئويدۇرۇش ۋە كۆپتۈرۈش توغرىسىدا مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى، ئۇلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلدى.

  جۇڭگو ئۇسسۇلى «نېلۇپەر مۇكاپاتى» نىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نومۇر «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى مەكىت» نى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە ئورۇنلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلدى. ئارتىس قاۋۇل مەمەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى مەكىت» ئۇسسۇلىنى ئۇيغۇر، خۇيزۇ، شىبە، موڭغۇل قاتارلىق بەش مىللەتتىن بولغان 22 ئوقۇغۇچى ئورۇنلىغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى مەكىت» نىڭ سېنارىستى ۋە رېژىسسورى جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: مەكىتتە سەيلە قىلغاندا، كىشىلەرنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەختلىك تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، مەندە بۇ خىل كۈچلۈك ئىجادىيەت ئىستىكى تۇغۇلدى.

  ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسىدىن كەلگەن ئايقەمەر تۇرسۇن كەنت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇغۇت ھوقۇقى قوغدالدى، كەنتتىكى نۇرغۇن ئائىلىنىڭ ئىككى-ئۈچ بالىسى بار. ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن مۇختار ئابدۇرۇسۇل بىلەن لوۋ جيەنبو مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەتىجىلىرى— «بىر ئائىلە كىشىلىرى» رېستورانىنى نامايان قىلدى. بۇ رېستوراننى يەتتە مىللەتتىن بولغان 88 سودىگەر بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ ئاچقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ بېيىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئىلگىرىلەپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولدى، شىنجاڭ زېمىنى گۈللەپ ياشنىغان، كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان خۇشاللىنارلىق مەنزىرىگە تولدى.

  «شىنجاڭدا ئاتالمىش <ئىرقىي يوقىتىش> مەۋجۇت ئەمەس.» شۈ گۈيشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 70 يىلدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون 607 مىڭ 600 كىشىدىن 11 مىليون 624 مىڭ 300 كىشىگە كۆپەيدى، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 30 ياشتىن 2019-يىلىدىكى 74.7 ياشقا ئۇزاردى. ئۇ قايتۇرۇپ مۇنداق سوئال قويدى: ئەگەر شىنجاڭدا«ئىرقىي يوقىتىش» يولغا قويۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى يەنە مۇشۇنداق زور ھەجىمدە ئاشامدۇ؟

  ئىرقىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ھالقىپ ئۆتۈش تەس بولغان ئىجتىمائىي ھاڭغا ئايلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ سانى ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %2ىنى ئىگىلەيدىكەن، ۋيومىڭ ئىشتاتى شەرقىي شوشونى قەبىلىسى ساقلاپ قالغان جايلاردا، ئىندىئانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىدىن 16.3 ياش تۆۋەن ئىكەن.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى:2020-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 43-قېتىملىق يىغىنىدا، ئىرقچىلىق مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە بولدى، بۇ، تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى جىددىي يىغىن. ب د ت نىڭ ھازىرقى زامان شەكلىدىكى ئىرقچىلىق مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى تېندا ئاچۇمېي: ئامېرىكىنىڭ قانۇن سىستېمىسى ئىرقتىكى ئادالەتسىزلىك ۋە كەمسىتىشنى ھەل قىلالمايدۇ،- دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ